ئىران ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، سېنتەبىردە 1+5 دۆلەتلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

96122
ئىران ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، سېنتەبىردە 1+5 دۆلەتلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
زارىف، 1+5 دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، بىراق بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زارىف، سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
بۇلتۇر ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەمدە خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ ئازايتىلىشىنىڭ بەدىلىگە تېھراننىڭمۇ يادرو پىروگراممىسىغا چەك قويۇشىنى نىشان قىلىدىغان مۇزاكىرىلەر، 2013 - يىلى 24 - نويابىر جەنۋەدە ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەنىدى.
كەڭ كۆلەملىك كېلىشىمنىڭ 2014 - يىلى 20 - ئىيۇلغىچە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە ئۇدا بىرقانچە قېتىم ئۇچراشقان تەرەپلەر، بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى 2014 - يىلى 24 - نويابىرغىچە ئۇزارتىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.
ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ سېنتەبىردە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر