تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى روزا ھېيتنى ئۇرۇش رايونلىرىدا ئۆتكۈزىدۇ

شەرقتىن غەربكىچە، ياۋروپادىن ئوتتۇرا شەرققىچە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدىگە ئايلىنىپ قالغان تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى، روزا ھېيتنى ئۇرۇش رايونلىرىدا ھايات – ماماتلىق ئاچىلىغا دۇچ كېلىپ قالغان ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ

71416
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى روزا ھېيتنى ئۇرۇش رايونلىرىدا ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى روزا ھېيتنى ئۇرۇش رايونلىرىدا ئۆتكۈزىدۇ...
شەرقتىن غەربكىچە، ياۋروپادىن ئوتتۇرا شەرققىچە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدىگە ئايلىنىپ قالغان تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى، روزا ھېيتنى ئۇرۇش رايونلىرىدا ھايات – ماماتلىق ئاچىلىغا دۇچ كېلىپ قالغان ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەھمەد لۈتفۈ ئاقار، ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن گازىئانتەپتىن يولغا چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى قاچىلانغان يۈك ماشىنىلىرىنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئىراقتىكى تەلئەفەرلىك تۈركمەنلەر كوچىلاردا ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان، غەززەدە قەتلىئاملار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە روزا ھېيتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئاقار، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلئەفەر ۋە غەززە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ سومالىغىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سۈرىيەلىكلەرگىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، چېگرا رايونلىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا قېلىۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلىنىش ۋە تۇرالغۇ ئېھتىياجلىرىنى قامداۋاتقانلىقلىرىنى، نۆل نۇقتىسىدىن سۈرىيەدىكىلەرگىمۇ داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئاقار، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ مىقدارىنىڭ يۈز مىڭلارچە توننىغا يەتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر