تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 4.2 ئېشىپ، 12 مىليارد 923 مىليون دوللارغا يەتتى، ئېكسپورتى بولسا % 1.1 ئازىيىپ، 20 مىليارد 776 مىليون دوللارغا كېمەيگەن

70891
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 4.2 ئېشىپ، 12 مىليارد 923 مىليون دوللارغا يەتتى، ئېكسپورتى بولسا % 1.1 ئازىيىپ، 20 مىليارد 776 مىليون دوللارغا كېمەيگەن.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ھەمكارلىق ئاساسىدا تەييارلانغان 2014 - يىللىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەزگىلدە تاشقى سودا قىزىل رەقىمى % 8.8 ئازىيىپ، 7 مىليارد 853 مىليون دوللارغا كېمەيگەن.
ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتى بۇلتۇر ئىيۇن ئېيىدا % 59 بولۇپ، بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا % 62.2 گە يەتكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت % 14.7 ئېشىپ، 5 مىليارد 943 مىليون دوللارغا يەتكەن.
يەنە بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ ئېكسپورت گېرمانىيەگە، ئەڭ كۆپ ئىمپورت بولسا رۇسىيەدىن قىلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر