مىسىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترەتلىرىگە رۇخسەت قىلمىدى

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

70859
مىسىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترەتلىرىگە رۇخسەت قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىگە مىسىر دائىرىلىرى رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا كۈتۈشكە مەجبۇر بولماقتا» دېدى.
بەرھۇم، چېگرا ئېغىزىنىڭ دەرھال ئېچىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مىسىر ھۆكۈمىتى، 2013 - يىلى 3 - ئىيۇل كۈنىدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى تۈپەيلى غەززەنىڭ دۇنيا بىلەن بىردىن-بىر ئالاقە ئورنىتىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن مەلۇم چەكلىمىلەرنىڭ سىرتىدا ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلمايۋاتماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ غەززەدىن يارىدارلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تىببىي ياردەم ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن ئىنسانىي كارىدور تەشكىل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر