تۈركىيە غەززەگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 9 كۈندىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەك قاچىلانغان يەشىكلارنى تارقىتىشقا باشلىدى.

129833
تۈركىيە غەززەگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى غەززەگە ياردەم قولىنى سۇندى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 9 كۈندىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەك قاچىلانغان يەشىكلارنى تارقىتىشقا باشلىدى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ غەززەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇھەممەد مۈرتەجا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ 15 مىڭ ئائىلىگە يېمەك - ئىچمەك قاچىلانغان 15 مىڭ يەشىك تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۈرتەجا، مەزكۇر ياردەملەرنىڭ فوندى جەمئىيەتلەر مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق زاكات كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئېھتىياجلىق كىشىلەر، يېتىم - يېسىرلار ۋە ئۆي - ماكانلىرى زىيانغا ئۇچرىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۈرتەجا يەنە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا ۋە سەھىيە مەركەزلىرىگە تارقىتىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىببىي ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنىمۇ باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان سۇ پومپىلىرىنىڭ قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن 4 دانە گېنېراتور ياردەم قىلغانلىقى جاكارلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر