تۈركىيە ياۋروپادىن ئەرزانچىلىق
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، ئۆتكەن يىللىق سېتىۋېلىش كۈچى كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، ئۆتكەن يىللىق سېتىۋېلىش كۈچى كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2013- يىللىق نەتىجىلىرىگە كۆرە، ئىستېمال بويۇملىرى ۋە مۇلازىمەت باھا كۆرسەتكۈچى 64 بولغان. بۇ سان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت مىياسىدا 100 ياۋروغا سېتىۋېلىنىدىغان نەرسە – كېرەك ۋە مۇلازىمەتنى تۈركىيەدە 64 ياۋروغا تەڭ كېلىدىغان تۈركىيە لىراسىغا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
سېلىشتۇرۇشت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت، ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلىكىگە ئەزا 3 دۆلەت(شىۋېتسىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيە)، تۆت نامزات دۆلەت (تۈركىيە،ماكېدونىيە، قاراداغ ۋە سېربىيە) ۋە نامزات بولغۇسى 2 دۆلەت (ئالبانىيە ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا) نى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت ئەڭ قىممەت دۆلەت شىۋېتسىيە بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718968335)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.