رۇسىيە قىرىمدا ئۇكرائىنانىڭ ئىزلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى

رۇسىيە ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدا پاسپورت ۋە پۇل بىرلىكىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، تېلېفونلارنىڭ SIM كارتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

100264
رۇسىيە قىرىمدا ئۇكرائىنانىڭ ئىزلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرىمدا رۇسىيەنىڭ SIM كارتلىرىنى سېتىش رەسمىي باشلاندى. SIM كارتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تېلېفون كود نومۇرلىرىمۇ ئۆزگەردى. SIM كارتلىرىدىكى نومۇرلار قىرىمغا ئەڭ يېقىن بولغان كراسنودار رايونىنىڭ كود نومۇرى (978 007) بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ كارتلارنى پەقەت قولىدا رۇسىيە پاسپورتى بولغان كىشلەرلا سېتىۋالالايدۇ. كارتنىڭ باھاسى 100 رۇبلى، تەخمىنەن 6.5 تۈرك لىراسى بولماقتا.
ئاقمەسچىتتە رۇسىيەنىڭ كارتى بىر قانچە جايدىلا سېتىلغانلىقى ئۈچۈن سېتىش نۇقتىلىرىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتلەر شەكىللەندى. ئەمما، قىرىملىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇكرائىنانىڭ GSM مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىشنى داۋام قىلماقتا.
ئۇكرائىنا تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ قىرىمدىكى پائالىيەتلىرى توختىتىلىپ – توختىتىلمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر