تۈركىيە بوسنا ھەرسەككە ئۈزلۈكسىز ياردەم بەرمەكتە

وسنا ھەرسەككە ئالدى بىلەن ياردەم قولىنى سۇنغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا سەھىيە ساھەسىدىمۇ بوسنالىقلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

83599
تۈركىيە بوسنا ھەرسەككە ئۈزلۈكسىز ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بوسنا ھەرسەككە ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۆتكەن ھەپتىلەردە سەل پالاكەتلىرىنىڭ ئېغىز زەربىسىگە ئۇچرىغان بوسنا ھەرسەككە ئالدى بىلەن ياردەم قولىنى سۇنغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا سەھىيە ساھەسىدىمۇ بوسنالىقلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان سەھىيە ئورگانلىرىنى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بۇ قېتىممۇ سارايبوسنا ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى بالىلار ئوپېراتسىيەسى بۆلۈمىگە ئۈرودىنامىكا ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق بالىلاردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋە ئەكسىگە يانماس بۆرەك كېسەللىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى سارايبوسنادىكى ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ ياتاقلىرىغا تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىئانە قىلدى.
300 ياتاق، 600 كۆرپە ۋە 300 ياستۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەشيالار مەسئۇللارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر