كىرىزىسقا قارىماي تۈركىيەدە خىزمەت پۇرسەتلىرى يارىتىلدى

تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى جەۋدەت يىلماز، يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە 5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

80766
كىرىزىسقا قارىماي تۈركىيەدە خىزمەت پۇرسەتلىرى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى جەۋدەت يىلماز، دۇنيادا يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن 60 مىليون كىشىنىڭ ئىشىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي تۈركىيەدە 5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
مىنىستىر يىلماز، ئايال كارخانىچىلار ۋە ئايال خىزمەتچىلەر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «مانا ئاياللار» ناملىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەردە تەتقىقاتچىلار، ئاياللار، ياشلار ۋە مېيىپلارنى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن يىلماز، تۈركىيەدە بولۇپمۇ ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ دۇنيادىكى كىرىزىسقا قارىماي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى زور ئۇتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جەۋدەت يىلماز ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر