گېرمانىيەدىكى مېترو جىنايىتىنىڭ جاۋاپكارلىرىدىن بىرسى قولغا ئېلىندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ھەممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مېترودا بىر ئايالنى ئارقىسىدىن تېپىپ يېقىتىش ۋەقەسىنىڭ جاۋاپكارلىرىدىن بىرسى قولغا ئېلىندى.

ھېمان كوچىسىدىكى مېترو ئىستانسىسىدا 26 – نويابىر كۈنى 26 ياشلىق بىر ئايالنى ئارقىسىدىن تېپىپ پەلەيپەيدىن دومىلىتىۋېتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ھەمراھلىرىدىن بىرسى بېرلىن ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

گېرمانىيە ئاخباراتلىرى قولغا ئېلىنغان جاۋاپكارنى مۇپەتتىشنىڭ سوئال – سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ سوئال - سوراقتىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ئايالنى تەپكەن جاۋاپكارنىمۇ تۇتالىشى مۇمكىنلىكىنى يازدى.  

قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ شەرقىي ياۋروپلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ ۋەقەنىڭ ئۈستىنى يېپىپ كېتىشكە ئۇرۇنغا بولسىمۇ، بىراق خەلقنىڭ كۆرسەتكەن نارازىلىقىدىن كېيىن ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ سىن ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىدى.

سىن ئارخىپىدا ھۇجۇم قىلغۇچىلار 4 كىشى بولۇپ، قولىدا ھاراق شىشىسى كۆتۈرۈۋالغان شەپكىلىك بىرسى پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان 26 ياشلىق ئايالنىڭ دۈمبىسىگە تېپىپ، دومىلىتىۋېتىدۇ. ئايالنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىرىشقانلىقى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ياردەم  قىلىۋاتقانلىقى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بۇ جەرياندا ئىنتايىن بىخارامان بىر شەكىلدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالغانلىقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ.

 


خەتكۈچ: