كانادا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

كانادا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

2154452
كانادا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى دومىنىك لېبلانك،  ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە قوشۇلغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ «ئەستايىدىل ئويلىنىش»تىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى ئىراندىكى كانادالىقلارنى ئىران تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ 2019-يىلى ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كانادانىڭ قارارىنى <قاتتىق> ئەيىبلىدى.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا «دۈشمەنلەرچە» شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قاتارلىق خەلقئارا قانۇننىڭ پىرىنسىپلىرىغا زىت، دەپ باھا بەرگەن كەنئانى، قارارنى «ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر