يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 36 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە رايونلاردا 36 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

2084392
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 36 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەپتىلىك ئاممىنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان 36 تېررورچىنى قوشقاندا، 2023 – يىلى جەمئىي 2377 تېروررچى بىر تەرەپ قىلىنغان. بولۇپ، بۇنىڭ 717 نەپىرىئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورچىلارنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا 30 قېتىم پاراكەندىچىلىك سالغان، بۇ ھۇجۇملارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 27 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغان.

شۇنداق قىلىپ، 2023-يىلى 1-يانۋاردىن بۇيان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىلا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى 1529 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر