كەچەلى بارتولومېيوس بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى، فەنەر رۇم پېشۋاسى بارتولومېيوس بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

2154315
كەچەلى بارتولومېيوس بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆنجۈ كەچەلى ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىغا ئالاقىدار بەزى خەۋەرلەر توغرىسىدىكى سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

«فەنەر رۇم پاترىكخانىسىنىڭ 15-، 16-ئىيۇن كۈنلىرى شىۋىيېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىغا دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقانلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ يىغىن دائىرىسىدە فەنەر رۇم پاترىكخانىسى پېشۋاسى بارتولومېيوس بىلەن رەسمىي ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ» دېگەن كەچەلى باياناتىدا، يىغىنىنى تەشكىللىگۈچى دۆلەتلەردىن شىۋىتسارىيە بىلەن ئۇكرائىنادىن <يىغىن ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنىپ، ئامما بىلەن ئورتاقلىشىلغان ئورتاق خىتابامىگە ئىسمىنىڭ ئىمزا قويغۇچى سۈپىتىدە قوشۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا چۈشەندۈرۈش بېرىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقى>نى تەكتىلىدى.

باياناتچى كەچەلى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يەنە بىر جەھەتتىن، دۆلىتىمىزنىڭ فەنەر رۇم پاترىكخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر