تۈركىيە ھىندىستان ئەلچىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ھىندىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋىراندېر پاۋۇلنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

2154913
تۈركىيە ھىندىستان ئەلچىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېكس (X) بېتىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، 21-ئىيۇن (2024) ھىندىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋىراندېر پاۋۇلنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى:

«باش ئەلچى ۋىراندېر پاۋۇل خىزمىتى جەريانىدا تۈركىيە-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن سەمىمىي غەيرىتى بىلەن ھەر دائىم ياد ئېتىلىدۇ.»

تۈنۈگۈن (22-ئىيۇن) ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىۋاتقان باش ئەلچى ۋىراندېر پاۋۇلنىڭ ۋاپات بولغانلىقى خەۋىرىنى، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ئېكس ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر