تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

2154445
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاغرى ۋە باتماندا ئېلىپ بېرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، بىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى، ئۈچى ئاپېلسىن رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بولۇپ جەمئىي بەش تېررورچى يوقىتىلدى.

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۇ قېتىم ئاغرىنىڭ دوغۇبەيازىت ناھىيەسى تاغلىق رايونى بىلەن باتماننىڭ ھاسانكەيف ناھىيەسى پالامۇت يېزىسى تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بەش پ ك ك تېررورچىسىنى قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇجۇقتۇردى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك، ئۈچىنىڭ ئاپېلسىن رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ «خائىنلارنىڭ گەجگىلىرىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى چېگرا سىرتىدىمۇ توختاۋسىز داۋام قىلماقتا؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك، قاندىل ۋە <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي شۇنداقلا ئۈنۈملۈك شەكىلدە داۋام قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر