تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى كاتتىبېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا نىشانلىق زەربە بەردى.

2082204
تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى كاتتىبېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك| ي پ گ نىڭ ئاتالمىش تابكا كاتتىباشلىرىدىن ئۆمەر ئابدۇللاھ ئەل داخخام ئىسىملىك تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى تابكا شەھىرى كاتتىباشلىرىدىن «ئابۇ داخخام» كودلۇق تېررورىستنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھۇجۇم پىلانى تۈزۈۋاتقانلىقى ئېنىقلاندىن كېيىن، ئىستىخبارات ئىدارىسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر