ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، « ھەربىي ھەرىكىتى رايونى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھازىرغىچە 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

2080029
ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل لۈتفى قىردار قۇرۇلتاي ۋە كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يۈز يىلنىڭ بۇرۇلۇشى ئىستانبۇل پىروگراممىسى» پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ: «تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى خائىنلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ھۇجۇمدا شېھىت بولغان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگەئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمەن. ئەسكەرلىرىنىڭ قېنى يەردە قالمىدى؛ بۆلگۈنچى خائىنلاردىن تۆككەن قاننىڭ ھېسابى ھەسسىلەپ سورالدى ۋە سورىلىدۇ... <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھازىرغىچە (تۈنۈگۈندىن بېرى) 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس سۆزى جەريانىدا، تېررورنى ئۇۋىسىدا تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررور قۇرۇلمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر