ئەزەربەيجان ئىجازەتنامىسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىش توغرىسىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىجازەتنامىسى تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى.

2065179
ئەزەربەيجان ئىجازەتنامىسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجازەتنامەدە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن 2020 – يىلى 9 – نويابىر ئىمزالانغان «ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى شۇنداقلا ئەزەربەيجاننى كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىجازەتنامەدە يەنە، تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان، تۈركىيە ئەسكەرلىرىمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشمە مەركىزى ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە تەرەپلەر ئارا ئىشەنچ ئورنىتىشقا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئىجازەتنامە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىدىكى مۇزاكىرىلەردىن كېيىن بېلەت تاشلىنىپ قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر