باتماندا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

باتماننىڭ گەرچۇش رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان «Bozdoğan-45» ھەربىي ھەرىكىتىدە، قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچىنى قوشقاندا، جەمئىي ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2155117
باتماندا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدىكى يازمىسىدا ئىككى تېررورچىدىن بىرىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ  ئىلگىرى 6 بىخەتەرلىك خادىمى شېھىت قىلىنغان ۋە 19 بىخەتەرلىك ساقچىسى يارىلانغان 9 تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان تېروررچى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئۇنى قوشقاندا ئىككى تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرئايروپىلانى، بىر دانە «ATAK» ھۇجۇمچى تىك ئۇچارى ۋە قوراللىق ئۇچقۇ «J-SİHA» نىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەلى يەرلىكايا (15-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە) بولغان ھېيت مەزگىلىدە يەنە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 11 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، تۆت نەپىرىنىڭ قىزغۇچ سېرىق  تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، 2 نەپىرىنىڭ كۈلرەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار ئىكەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارنىمۇ ھەمبەھرلىدى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي ئىرادىنى تەكىتلىگەن ئەلى يەرلىكايا: «شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى ۋە قالمايدۇ. خائىنلارغا نەپەس ئالغۇزمايمىز. ھەرىكەتلىرىمىز قىش - ياز دېمەستىن يىلنىڭ 365 كۈنىنىڭ ھەممىسىدە داۋاملىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر