سەدات ئۆنال ب د ت دا غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال غەززەدە دەرھال ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2057096
سەدات ئۆنال ب د ت دا غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال غەززەدە دەرھال ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى، غەززەدىكى كىشىلەرنى كوللېكتىپ ھالەتتە قورشاپ جازالاشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆنال «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز پائالىيەتلىرى»نى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە چاقىرىلغان ب د ت ئالاھىدە جىددىي يىغىنىدا سۆز قىلدى.

يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان غەززەلىكلەرنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مىليونلىغان پۇقرالار (ئىسرائىلىيە) تەرىپىدىن قالايمىقان بومباردىمان قىلىنماقتا. سۇ، يېمەكلىك، توك ۋە يېقىلغۇدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. كوللېكتىپ قورشاغا ئېلىنىپ جازالانماقتا» دېدى.

ئۆنال پۇقرالارغا ۋە مەمۇرى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قالايمىقان ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھېچقانداق يوللۇق تەرىپىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ كوللېكتىپ جازالاش قىلمىشلىرىنى ۋە كىشىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ، باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئۆنال: «پۇقرالار ۋە مەمۇرى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش ئارقىلىق سىجىل بىخەتەرلىككە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك، ئىززەت- ھۆرمەت ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋېرىدىغانلا بولسا، ھېچقانداق تىنچلىق ئۇزۇن مەزگىللىك بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى پەقەت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر