سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

2055979
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان، ئىچىدە تېررورچىلارمۇ بار دەپ قارىلىۋاتقان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلات قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان 19 ئورۇننى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك / ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە باشقا تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش، ئىراقنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىزامنامىسىنىڭ 51 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، گارا، ئاۋاشىن، خاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى  2023- يىلى 25- ئۆكتەبىر سائەت 21.00 دە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە تېررورچى ئۇنسۇرلارمۇ بار دەپ قارىلىۋاتقان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان 19 ئورۇن بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك ئوق – دورىلار ئىشلىتىلىپ ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، بىگۇناھ پۇقرالار، دوست كۈچلەر، تارىخىي، مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە مۇھىتقا زىيان يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر