سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
2055061
![سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2b20/907b/45fc/64edb5f2775b9.jpg?time=1719152543)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ ئاقىۋېتى ئېنىق. قەھرىمان ئارمىيەمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى خام – خىياللىرىغا يېتىشتىن ئىلگىرىلا بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.