تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل ۋە كۈلرەڭ كاتېگورىيەلىرىدىكى ئىككى تېررورچىنىڭ شىرناق بىلەن دىيارباكىردا ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2041732
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەلى يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، شېھىتلەر قېنىنىڭ يەردە قالمىغانلىقىنى، ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ توققۇز بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ شېھىت قىلىنىشى ۋە 21 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ساقچى ۋە ژاندارما خادىملىرىنى تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كۈرەشلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر