ئەردوغان: غەربكە قانچىلىك ئىشەنسەم، رۇسىيەگىمۇ شۇنچىلىك ئىشىنىمەن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بىز ئەزەلدىن ئۆز - ئۆزىنى قامدايدىغان بىر دۆلەت بولۇپ كەلدۇق. ھېچ ۋاقىت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۆھپە ياكى قوللاشلىرىغا موھتاج بولۇپ قالمىدۇق» دېدى.

2039152
ئەردوغان: غەربكە قانچىلىك ئىشەنسەم، رۇسىيەگىمۇ شۇنچىلىك ئىشىنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 78 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان نيۇيوركتا ئامېرىكانىڭ «PBS» قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ (ياۋروپا ئىتتىپاقى) ئەزالىقىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ،  تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجابىي قارار چىقارسا، ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىمىز. تۈركىيە يېقىنقى 50 يىلنىڭ مابەينىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكى ساقىلىتىلىۋاتىدۇ.  بىز ئەزەلدىن ئۆز - ئۆزىنى قامدايدىغان بىر دۆلەت بولۇپ كەلدۇق. ھېچ ۋاقىت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۆھپە ياكى قوللاشلىرىغا موھتاق بولۇپ قالمىدۇق، بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز يوق» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ F-16 تىپلىق كۈرەش ئايروپىلانىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغان ياكى قارىمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە باغلىنىش بولماسلىقى كېرەك. پىرېزىدېنت (جو) بايدىن بۇ مەسىلىگە دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزمۇ ھەر دائىم <بىزنىڭمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمىز> دەپ كېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىلەرگە پارلامېنت قارار قىلىدۇ. پارلامېنت بۇ ھەقتە ئىجابىي قارار چىقارمىسا، بۇ جەھەتتە قىلىدىغان ھېچ ئىش يوق» دېدى.

ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى نېمىشقا ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بىز ئۇنىڭدىن (پۇتىندىن) ئۆتۈندۇق، ئۇمۇ بىر مىليون توننا (ئاشلىق) ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىننىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىنىڭ دەرھال باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رىياسەتچىنىڭ «ئۇنىڭ (پۇتىننىڭ) بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىشىنەمسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مېنىڭ (پۇتىن) غا ئىشەنمەسلىكىمنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق. غەرب قانچىلىك ئىشەنچلىك بولسا، رۇسىيەمۇ ھېچ بولمىغاندا شۇنچىلىك ئىشەنچلىك. بىزنى 50 يىلدىن بۇيان ئىشىك ئالدىدا ساقلاتقۇزۇۋاتقىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر. مەن ھازىر غەربكە قانچىلىك ئىشەنسەم، رۇسىيەگىمۇ شۇنچىلىك ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر