مۇداپىئە مىنستىرلىقى: يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 44 تېررورچى يوقىتىلدى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 44 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2016944
مۇداپىئە مىنستىرلىقى: يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 44 تېررورچى يوقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى پولكوۋنىك زەكى ئاقتۇرك پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە يوقىتىلغان تېرورچىلار سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش رايونلىرىدا 1- يانۋاردىن بۇيان 44 نەپىرى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بولۇپ جەمئىي 892 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 2015 – يىلى 24 – ئىيۇلدىن بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا 38 مىڭ 235 تېررورچى يوقىتىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر