يوقىتىلغان تېررورچى سانى 57 گە يەتتى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 16 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2000085
يوقىتىلغان تېررورچى سانى 57 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم سادىر قىلغان تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «تەل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئورۇنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەمىز، يەنە 16 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندىكى بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى 57 گە يەتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر