ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى داۋام قىلماقتا.

1998750
ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلامدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ تۈنۈگۈن (12-ئىيۇن) شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قىبرىستىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە رەپىقىسى مېھرىبان ئالىيېۋا بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، پايتەخت باكۇدىكى گۈلىستان سارىيىدا ئەردوغان ۋە رەپىقىسىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بېرىلدى.

زىياپەت ئەسناسىدا نۇرغۇن سەنئەتچىلەر نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن (13-ئىيۇن) باكۇدىكى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە شېھىتزارلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئاندىن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر