خاقان فىدان: يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش سېنارىيەسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دۇنيانىڭ رايون خاراكتېرلىك ياكى يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش سېنارىيەسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2155520
خاقان فىدان: يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش سېنارىيەسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپ ھەققىدە توختالدى.

خاقان فىدان بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ئىسرائىلىيە تۈزۈمىنىڭ ھاماسنى باھانە قىلىپ پەلەستىننىڭ بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئىشغالىيەتنى قانۇنلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرۈش سىياسىتى» نى تەنقىد قىلدى ۋە 7- ئۆكتەبىردىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەقەلەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرىلاش ئۈچۈن سىستېمىلىق ئۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيانىڭ رايون خاراكتېرلىك ياكى يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش سېنارىيەسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەتكەن خاقان فىدان، غەززەدىكى «قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئىنسانىيەتنى ئىككىگە بۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ (غەززەدىكى) بۇ سىياسىتىنى قوللاشنى توختاتمىغانلىقىنى، بەلكى دەل ئەكسىچە  قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان: «ھازىر دۇنيا يېتىپ كەلگەن نۇقتىدا، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى، ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر