شىرناكتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

شىرناكنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدا تۈنۈگۈن (15-ماي) تېررورلۇققا قارشى باشلانغان ھەرىكەتتە، ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى.

1987213
شىرناكتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناكنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ جەرياندا، بەختكە قارشى ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئېغىر يارىلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۈگۈن (16-ماي) داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بىر بۇلۇڭغا قىستالغان بىر گۇرۇپپا تېررورىستلار بىلەن ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «ئېتىشىشلاردا ئىككى تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورىستلارنىڭ سانى ئۈچكە يەتتى.»

باياناتتا يەنە، ئۈچ ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى ۋە بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر، يارىلانغانلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەندى.


خەتكۈچ: #شىرناك , #شېھىت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر