خۇلۇسى ئاقار 340 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 340 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1968656
خۇلۇسى ئاقار 340 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار 6- فېۋرال قاھرامانماراشتىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ۋىلايەتلەردىن بىرسى بولغان ھاتايدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈستىدە توختىلىپ: «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز قەيسەرلىك، قەتئىي ئىرادە ۋە ھۇجۇم روھى بىلەن داۋاملاشماقتا. 40 يىلدىن بۇيان ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئاپەتتىن مىللىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز ۋە بىز بۇنىڭغا قادىرمىز. قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 340 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەمدە مەيلى قورال، مەيلى تىك ئۇچار، مەيلى ئوق-دورا ياكى پۇل بىلەن تەمىنلىشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورچىلارنى ئۇچۇقتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. تېررورچى قەيەردە بولسا، بىزنىڭ ھۇجۇم نىشانىمىزمۇ شۇ يەر بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر