چاۋۇشئوغلۇ بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ ئاپەت رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان ۋە ئىرېلاندىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1945145
چاۋۇشئوغلۇ بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ ئاپەت رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» دەپ ئاتىلىۋاتقان قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان ۋە ئىرېلاندىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئاپەت رايونىدىكى ۋەزىيەت ۋە ياردەم پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكىل مارتېن بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى.

تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا، 6 – فېۋرال يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 10 ۋىلايەتنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ياردەم خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاپەت يۈز بەرگەن 6-فېۋرالدىن بۇيان 50 قېتىمدىن ئارتۇق رەسمىي تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر