ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرمەكتە

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى.

1943142
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېللاروپۇلو ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس،  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزمۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى. 

لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇدمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئىسپانىيە پادىشاھى 6 – فېلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن، تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، مەركىزى قاھرامانماراش بولغان تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر