قاھرامانماراشتىكى يەر تەۋرەشتە، 76 كىشى قازا قىلىپ، 440 كىشى يارىلاندى

قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك رايونىدا 7.4 بال يەر تەۋرەپ 912 كىشى قازا قىلدى ۋە 5385 كىشى يارىلاندى.

1942207
قاھرامانماراشتىكى يەر تەۋرەشتە، 76 كىشى قازا قىلىپ، 440 كىشى يارىلاندى
deprem

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ باياناتىدا، «912 پۇقرايىمىز جېنىدىن ئايرىلدى، 5385 پۇقرايىمىز يارىلاندى. قاھرامانماراشتىكى يەر تەۋرەش تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04:17 دە (6-فېۋرال)،  يەر يۈزىدىن يەتتە كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەردى» دېيىلدى.

يەر تەۋرەش 10 دىن ئارتۇق شەھەردە ھېس قىلىندى.

ئاپەتتىن كېيىن، خەلقئارا ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 - دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن رايونلاردا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى باشلاندى. قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى  خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق پۇقرالىرىمىزدىن ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمنى يوللايمەن» دېدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلار يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋالارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەركىزىدىكى خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا ئاتلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر