چاۋۇشئوغلۇ بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1922620
چاۋۇشئوغلۇ بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تەرەپلەرنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيەنىڭ «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زاكاس قىلىش باسقۇچى، ئەنقەرە – ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا كەلگۈسى باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك زىيارەت پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

سۈرىيەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر