ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان دائېش ئەزاسى بىر تېررورچى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا قولغا چۈشۈرۈلدى.

1920883
ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر ئەزاسىنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنۇش ئەسناسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دائېش ئەزاسى مەزكۇر تېررورچىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن ژاندارما قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى نەتىجىسىدە چېگرادا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپولنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەن تېرورچى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى ئاشكارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر