ئەردوغان زېلېنىسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى.

1901445
ئەردوغان زېلېنىسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ،  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى تاشقى دۇنياغا چىقىرىش مەسىلىسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش نەتىجىسىدە ھەل قىلىنغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ  ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتالايدىغان بولۇشىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىنى بويلاپ ئۇرۇشنى ئادىل ئۇسۇلدا ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر