قالىن CNN نىڭ ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، CNN International قانىلىنىڭ ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1901783
قالىن CNN نىڭ ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئاشلىق كارىدورىغا مۇناسىۋەتلىك ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ نورمال ھالەتكە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، CNN International  قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى موسكۋانىڭ، رۇسىيە ئىگىلىۋالغان ئۇكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ سېۋاستوپول شەھىرىدىكى بىر پاراخوت ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاشلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ئۇرۇشتىن ئايرىم ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز يېقىنقى 3-4 كۈن ئىچىدە نۇرغۇن دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە كېلىشىمگە قايتىپ كەلدى، ھازىر ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا داۋام قىلماقتا» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن قالىن، زېلېنسكىينىڭمۇ كېلىشىمگە سادىق قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئاشلىق كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇتى ئۈچۈن بەزى كاپالەتلەرنى بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش پىلانىنى تەستىقلاشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى ئىبراھىم قالىن، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يەر – زېمىنلارنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، رۇسىيەنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش نىيىتى يوقلۇقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ پاسكىنا بومبا ۋە خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى زېلېنسكىينىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر