تۈركىيەدە نەسلى يوقىلىپ كەتكەن ئانادولۇ يىلپىزى قايتا بايقالدى

تۈركىيەدە «نەسلى يوقىلىپ كەتتى» دەپ قارالغان ئانادولۇ يىلپىزى سۈرەتكە ئېلىندى.

1890729
تۈركىيەدە نەسلى يوقىلىپ كەتكەن ئانادولۇ يىلپىزى قايتا بايقالدى
anadolu leopari fotokapan.jpg
anadolu leopari.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى رەسىمنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىشىپ، «دۆلىتىمىزدە مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلانغان ئانادولۇ يىلپىزىنى يەنە بىر قېتىم سۈرەتكە ئالدۇق. نەسلىڭ كۆپەيسۇن، بۇ تۇپراقتا مەڭگۈ مەۋجۇت بولغىن، بىز ئانادولۇ يىلپىزىنى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دىگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

پايتەخت ئەنقەرەنىڭ بەيپازارى رايونىدا 1974 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن  ئانادولۇ يىلپىزىنىڭ شۇ تۈردىكى ئەڭ ئاخىرىقى يىلپىز ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن  بولۇپ، «نەسلى يوقالدى» دەپ قارالماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر