ئەردوغان ئامېرىكاغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا  يېتىپ باردى.

1881323
ئەردوغان ئامېرىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا  يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نيۇيوركتىكى مەركىزى باغچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ئەردوغانغا باغچىدىكى سەيلىسى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات مەرجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى باش ئەلچى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ ھەمراھ بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن ئامېرىكادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، تۈركىيە – ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر