چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1879188
چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى «ئەرمەنلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرى» ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە ئەمدى قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك. ئەزەربەيجان بىلەن يارىشىش رامكىسى ئىچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.»

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا، ئىككى دۆلەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق توقۇنۇشلار باشلانغانىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە چېگرا لىنىيەسىنىڭ داشكەسەن، كەلبەجەر ۋە لاچىن يۆنىلىشلىرىدە كەڭ دائىرىلىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر