سويلۇ: شىرناقتا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ شىرناقنىڭ فاراشىن يايلىقى ئەتراپىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1875322
سويلۇ: شىرناقتا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەرەن قامال قىلىش – 27» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، شىرناقنىڭ فاراشىن يايلىقى ئەتراپىدا، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ئالاھىدە ئەترىتى ۋە ئالاھىدە قىسىملار تەرىپىدىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچىنىڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر