تۈر كىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 9 تېررورچىنى  ئۇجۇقتۇردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى مەشغۇلات رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1872992
تۈر كىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 9 تېررورچىنى  ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، «بىز تېرورلۇقنى تۈگىتىپ، مىللىتىمىزنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى مەشغۇلات رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر ھەرىكىتىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى 2 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە-ئاسوس رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىتەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر