ماردىندا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ماردىن ۋىلايىتىنىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1860408
ماردىندا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش چىقىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن ماردىن ۋىلايىتىنىڭ نۇسايبىن ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق 3 تېررورچىنىڭ سۈرىتى تارتىلغانغان. بۇ تېررورچىلارنىڭ جايلىرى ئالدى بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بەلگە قىلىنغان، ئاندىن بۇ 3 تېررورچى، « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان باشقا تېررورچىلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان كەڭ دائىرىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تېرروتېرىيەلىرىمىزدە تېررورچىلارنى خالىمايمىز، ئى تېررورچىلار! تەسلىم بولۇڭلار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر