پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇيىقەتچىسى سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى —پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۇيىقەستچىسىنى سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيە ئېلىپ كەلدى.

1839101
پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇيىقەتچىسى سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى —پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۇيىقەستچىسى سۈپىتىدە ھەر خىل ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئېنىقلانغان «روجدا» تەخەللۇسلۇق دىلبىرىن كاچارنى سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى سىئىرىتتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلغان كاچار،  جۇدى ۋە گابار رايونىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن 2016 - يىلى سۈرىيەگە ئەۋەتىلگەن.

ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا سۇيىقەست قىلىش بويىچە تەربىيەلەنگەن كاچار، 2018- يىلى يانۋاردىكى زەيتۇن شېخى ۋە 2019 - يىلى ئۆكتەبىردىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ھەر خىل ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان.

كاچارنىڭ يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەينۇلئەرەب رايونىغا ياردەمچى كۈچ سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن كوماندىنىڭ ئاتالمىش ​​قوماندانى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر