جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان زىيارىتىدىن قايتىش يولىدا ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1834282
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىر كېچە پەيتىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تويۇقسىزلا چۈشىمىز، چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن تۈركىيەگە قىلىنىدىغان كىچىككىنە بىر ھۇجۇمنىمۇ جاۋابسىز قالدۇرۇشلىرىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار ئۇۋا تۇتۇپ ياتقان جايلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق ئىتىتپاقداش دۆلەتلەرنىڭ زور مىقداردا قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىك مۇناسۋىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھەر دائىم دەپ كېلىۋاتقىنىمدەك، بىر كېچە پەيتىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىزلا چۈشىمىز، چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز... بىز شېھىتلىرىمىزنىڭ بەدىلىنى ئۇلارغا تۆلەتكۈزمەمدۇق؟ يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە 30 غا يېقىن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدۇق. شىمالىي ئىراقتىكىسىنى قوشقاندا، 100 دىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ مۇساپە داۋاملىشىدۇ...» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو نامزاتلىقى توغرىسىدىكى تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ كۈتۈلگەن سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇلارنىڭ كۈتىدىغانلىرى بار، ئەمما تۈركىيەگە قارىتا تاشلىشى كېرەك بولغان قەدەملەرنى تاشلىماسلىقى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جەرياندا شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم كوچىلىرىدا تېررورچىلار ئايلىنىپ يۈردى، (شىۋېتسىيە) ساقچىلىرى ئۇلارنى قوغدىدى. ھەتتا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەسنادا شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى سالىھ مۇسلىم دېگەن تېررورچىنى سۆزلىتىپ، بىزگە قارشى ھەر تۈرلۈك خاتالىقلارنى سادىر قىلدى، f-16 مەسىلىسىدىمۇ سەلبىي پوزىتسىيەلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇلار دۇرۇس ئەمەس..» دېدى.

ئەردوغان يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ بۇرغىلاش پاراخوتلىرىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى بېكىتىلگەن جايلاردا بۇرغىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ مۇشۇنداق بىر قەدەمنى تاشلاش توغرىسىدا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرىمىز ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدۇ» دېدى ۋە بۇ ئارقىلىق تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ قەدەملىرىنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر