جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1819907
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈنۈگۈن تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن سۆھبەت جەريانىدا، رۇس ئۇچقۇچى كونستانتىن ياروشېنكو بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى ترېۋور رېدنىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە نازارىتى ئاستىدا تۈركىيەدە ئالماشتۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ ئالماشتۇرۇشتا مۇرەسسە قىلىش رولىنى ئوينىشىنىڭ تىنچلىق، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى، مۇرەسسە قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغان تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەسىر ئەسكەرلەرنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئوينىغان رولىغا ئىشارەت قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ۋە قويۇق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ رايوندىكى ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىق مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى  ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىرىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىستانبۇل سۆھبىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشنى تېخىمۇ ئالغا سۈرۈپ، رايوندا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ئىككى قوشنىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىپ، سۈلھى تۈزۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىيلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر