ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يولۋاس پەنچىسى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1811439
![ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/23ca/f23a/ae33/6141caa4807ae.jpg?time=1719318002)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇۋىلىرىنى بىر – بىرلەپ ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، يولۋاس پەنچىسى رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.