ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1797489
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق ئورنىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان سەمىمىي پوزىتسىيەسىنى  داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنىڭ رەھبەرلەر قاتلىمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىنى ئىستانبۇل ياكى ئەنقەرەدە كۈتۈۋېلىش تەكلىپىنى يەنە بىر قېتىم قايتا تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئۇرۇشنىڭ ھېچقانداق تەرەپكە پايدا يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا دىپلوماتىيەگە پۇرسەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنى ھەر ئىككى يۆنىلىشتە ئۈنۈملۈك ۋە ئوڭۇشلۇق ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر