بالىكەسىردە 36 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 36 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1797469
بالىكەسىردە 36 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىمالىي ئەگە دېڭىزى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئەگە دېڭىزىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كەتمەكچى بولغاندا گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 36 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئايۋالىق ناھىيەسىنىڭ جۇندا ئارىلىدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىغا ئئېلىپ بېرىلغان كۆچمەنلەرگە، يېمەك – ئىچمەك، دورا ۋە تېببىي بۇيۇملارغا ئوخشىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر