چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بلىنكېن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1756551
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بلىنكېن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزىمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇداندىكى ئۆزگىرىشلەر، ئېفىيوپىيە ۋە كاۋكاز رايونى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى نېد پرايس ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىر بىلىنكېن بىلەن (تۈركىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان تەھدىتىگە قارىتا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى پرايس، ئىككى مىنىستىرنىڭ يەنە، ئافرىقا مۈڭگۈزىدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيەنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلىشى ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پرايس باياناتىدا يەنە، بلىنكېن بىلەن چاۋۇشئوغلۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزئارا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر